Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاجىب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ۋاجىپ، پەرھىز، بېجىرىلىش مەجبۇرىي بولغان زۆرۈرىي شەرت:
خۇدا، تەڭرى:
1. دېدىم: ھەقدىن ئولدى ئىنايەت ئىشى،
ماڭا ۋاجىب ئولدى ئىبادەت ئىشى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. كۆرمىشەم ۋاجىب بەقاسىن رەۋشەن ئانداقكىم قۇياش،
تاكى ئىمكان سايە يەڭلىغ كۆزدە فانىيدۇر ماڭا.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تېگىشلىك، كېرەكلىك، لازىم، زۆۈر؛ ۋاجىبە - زۆرۈر ئىش.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <مەجبۇرىيەت خاراكتېرلىك> دېگەنلىك بولۇپ، مەجبۇرىيەت خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى بەش ھەرىكەت قائىدىسىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.