Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاي-ۋۇي
ۋاي-ۋۇي[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشتىن، نەرسىدىن بىزار بولۇش، خالىماسلىق ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي-ۋۇي، مۇنۇ ئاداشنىڭ مەمەدانلىقىنى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىگە ھەيران بولۇش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي-ۋۇي، نېمىدېگەن گۈزەل يەر بۇ[يەشمىسى:] ③ بىرەر كىمنى مەسخىرە قىلىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي-ۋۇي، چىقىپ كېتىمەن دەپ بىزنى قورقۇتماقچىمۇ سەن