Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋاگادۇگۇ
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر瓦加杜古
wǎ jiā dù gǔ
يۇقىرى ۋولت جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ شەھىرى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. ۋاگادۇگۇ شەھىرى 9 - ئەسىردىن باشلاپ موشى پادىشاھلىقىنىڭ مەركىزى بولغان. 1896 - يىلى فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى يۇقىرى ۋولتقا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن گرانسىيىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يۇقىرى ۋولت مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن. ۋاگادۇگۇ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 366 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، بۇ جايدا چىگىت ئايرىش، كۆن - خۇرۇم، شال ئاقلاش، ھاراق ئىشلەش، ئاياغ كىيىم، ماشىنا رېمونت قىلىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى، خەلقئارا ئايرودرومى، خان ساراي قاتارلىق ئورۇنلار بار.
GetWord كۇللىياتى
9瓦加杜古
瓦加杜古【世界各国】
wǎ jiā dù gǔ
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.