Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋابەستە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
مۇناسىۋەتلىك، ئالاقىدار، باغلىنىش؛ ئېرىشىش:
قاچان ۋاسبەستە ئولغۇم رىشتەئى ئىشقىڭغە ئۆزلۈكىدىن،
ماڭا لېكىن ئەسىر ئولماق چۇ تەقدىرى ئىلاھىمدۇر.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
باغلىق، باغلىغۇچى، ۋاستە، ئالاقىدار، باغلىنىشلىق؛ تۇققان: ئەگەشكۈچى.