Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تېز ئەسكەر يېتىشتۈرۈش تۈزۈمى
دائىرە: دۇنيا تارىخى速成兵制度
sù chéng bīng zhì dù
1808 - 1812 - يىللىرىدىكى پرۇسسىيىنىڭ ئەسكەر تەربىيىلەش، قوشۇنىنى كېڭەيتىشتىكى بىر خىل ئۇسۇلى. فرانسىيە 1807 - يىلدىكى <تىلىست سۈلھ شەرتنامىسى> گە ئاساسەن پرۇسسىيە ئەسكەرلىرىنى 42 مىڭ كىشى قىلىپ چەكلىگەن. پرۇسسىيە مۇشۇ ھەربىي چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ ئۈچۈن، يېڭى ئەسكەرلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز تەبىيىلەش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىققان. ئەسكەرلەرنىڭ رەسمىي شتاتىنى چەكلەنگەن ساندىن پەقەت ئاشۇرمىغان، لېكىن ئەسكەرلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز تەربىيىلەش تۈزۈىنى تۈزۈپ چىققان. ئەسكەرلەرنىڭ رەسمىي شتاتىنى چەكلەنگەن ساندىن پەقەت ئاشۇرمىغان، لېكىن ئەسكەرلەرنى قىسا مۇددەت تەربىيىلەش ئۇسۇلى بىلەن ئۈزلۈكسىز نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيىلىگەن. فرانسىيىنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا، 1812-يىلغىچە، پرۇسسىيە مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن 120 - 150 مىڭ ئەسكەر تەربىيىلەپ، يېڭىۋاشتىن قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرغان. 1813-يىلىدىكى ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇشتا ناھايىتى زور رولىنى جارى قىلدۇرغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.