Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىز پۈكمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىتائەت قىلماق، ئەل بولماق.
ياۋاش باش ئەگمىگەن يەردە، سەن تىزىڭنى پۈكمە. تىز پۈكۈپ ياشىغاندىن ئۆرە تۇرۇپ ئۆلگەن ئەلا. زالىمغا بويسۇنما. بويتاققا بوي بەرمە.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىتائەت قىلماق.
بويۇن تولغىماق، كۆكرەك كەرمەك، باش تارتماق
قارشىلىق كۆرسەتمەك.
بويسۇنغانغا قىلىچ ئۇرما. ياۋاش باش ئەگمىگەن يەردە، سەن تىزىڭنى پۈكمە. زالىمغا بويسۇنغان بوينى ئۈزۈلەر. ئاناڭغا بويۇن تولغىما، خورلۇق تارتىسەن، ناھەقچىلىكنى كۆرگەندە كۆكرەك كېرىپ چىققان باتۇر. ناھەق ئىشتىن باش تارتىش - ھەق يولىدا تىرىشقانلىق. ئاناڭدىن باش تارتما، ئاشمىسۇن مۇڭى، شەرەپنىڭ تاجىدۇر پۇتىكى چېڭى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
باش ئەگمەك، بويسۇنماق، تەسلىم بولماق.
مەۋلاننىڭ <كەلگۈسى> توغرىسىدىكى ئاجايىپ رىۋايەتلىرى ئالدىدا، رۇقىيەم ئاخىرى تىز پۈكتى.