Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىزگىنلىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش _ ھەرىكەتى باشقۇرماق.
تىلىنى تىزگىنلىيەلىگەن ئادەم دانىشمەندۇر. شادلىقنى تۇرمۇشتىكى ئەڭ يۇقىرى نىشان دەپ قارايدىغانلار ئۆز _ ئۆزىنى كونترول قىلالمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۇلاغلارنى تىزگىن بىلەن باغلىماق، باشقۇرماق.
كۆچمە. ئۆز دائىرىسىدە باشقۇرماق، ئىدارە قىلماق، كونترول قىلماق.
ئۇ قەيەردە قول سانائەتنى تىزگىنلىۋالسا، شۇ يەردە قول سانائەتنى يوقاتتى.
مەلۇم چەكتىكى ھالەتنى ۋە نورماللىقنى ساقلاپ قالماق.
نوپۇسنى تىزگىنلىمەك. تۇپراق نەملىكىنى تىزگىنلىمەك.
مەلۇم ھالەتنىڭ كۆپىيىپ، كېڭىيىپ زىيان سېلىشىنى توسىماق، چەكلىمەك.
قۇمنى تىزگىنلىمەك. ئاپەتنى تىزگىنلىمەك.
خالىغانچە ھەرىكەت قىلالمايدىغان ھالدا كونترول قىلماق، چەكلىمەك، توسماق.
ئورمانچىلىق دۈيى پىلاننىڭ سىرتىدا ئورمان كېسىشنى قاتتىق تىزگىنلىدى.