Uyghurئاساسىي لۇغەت
تېز
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
قېلىپ.
ئانىدىن قىڭغىر تۇغۇلغاننى تېزگە سالسىمۇ تۈزەلمەس ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
1. چاپسان، ئىلدام
تېز قەدەم تاشلىماق.* تېز ھەرىكەت قىلماق.* تېز پويىزغاچۈشمەك.* ئىشى تېزنىڭ ئېشى تېز. ( ماقال ).
2. رەۋىش. دەرھال، ئىتتىك، چاپسان، ئىلدام چاققان . ئۇكام تېز ماڭ.* تالىپ ئىش چاتاق، تېز قاچ.* تېز كەتكەن، تېز توختار ( ماقال ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم شەيئىنىڭ ئۆلچەملىك شەكلى ياكى قىلىندىغان ئىش - ھەرىكىتىنىڭ نۇسخىسى.
سوتسىيالىزىمنىڭ ھەممە ئەلگە باپ كېلىدىغان ئەندىزىسى يوق. ئۆتنىگە لاپقۇت، ئۆتۈككە ئاپقۇت. ئانىدىن قىڭغىر تۇغۇلغاننى تېزگە سالساڭمۇ تۈزەلمەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرى سۈرئەت.
ئىشى تېزنىڭ ئېشى تېز. تېز قارار قىلغان تېز توۋا قىلار. پات بېرىپ، پات كەل. چاپسانغا بار، لايىپاسقا يوق. ئاسان كەلگەن چاپسان كېتەر. بەك ئىتتىك پالتا پات گاللىشار. گىجىڭ ئۈستىدىن ئىلدام گاداي ياخشى. ھاياسىز ئىشلاردىن ئۆزۈڭنى تارتقىن، خەيرلىك ئىش بولسا، ئىلدامراق چاپقىن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يۇقىرى سۈرئەت؛ قاتتىق ھەرىكەت.
ئاستا، ئاقىرىن
تۆۋەن سۈرئەت؛ بوش ھەرىكەت.
ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان. ئالدىرىماڭ ئاستا كېلەر، تېڭىرقىماڭ تاڭلا كېلەر. ئاقىرىن يۈرسەڭمۇ يۈر، توختاپ قالما. ئىشى تېزنىڭ ئېشى تېز. تېز قارار قىلغان تېز توۋا قىلار. ئاسان كەلگەن چاپسان كېتەر. ئىتتىك ماڭغان تېز چارچار. يوغىنىغان دەرەخ ئىلدام سۇنىدۇ. مۇھەببەتنى بىلدۈرۈشتە كۆز سۆزدىن ئىتتىك.
شىۋىلەر
قېلىپ. مەسىلەن: ئانىدىن قىڭغىر تۇغۇلغاننى تېزگە سالساڭ تۈزەلمەس (ماقال).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تېيىز يەر، ئېگىزلىك.
(يازما نۇسخىدا بۇ سۆزنىڭ بىرىنچى ھەرپى «ت - t»فەتھىلىك، ئىككىنچى ھەرپى «ى _ يا» كەسىرلىك يېزىلغان. بىز بۇ شەكىلنىڭ بۇ يەردىكى ۋەزنىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ پارسچىدىكى تەڭدىشى «» ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ سۆزنى «تېز» شەكلىدە ئالدۇق.) پارسلارنىڭ ئۆز قورغانلىرىنى « دىز» دەپ ئاتىشى مۇشۇ سۆزدىن ئېلىنغان. قەشقەرگە يېقىن بىر يايلاقنىڭ ئىسمىمۇ ئېگىزلىكىگە قارىتىپ « تارىغ ئارت تېز _ تورغات ئېگىزلىكى» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر يايلاقمۇ « تېزەڭ تېز _ تەزەڭ تېز» دەپ ئاتىلىدۇ. يىز ئەۋى تېز _ ييز ئەۋدى تېز. بارسغانغا يېقىن بىر يايلاقنىڭ ئېتى.
3 - 170
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
رەۋ. ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە.
مامۇت ئاپتوموبىل ھەيدەشنى تېز ئۆگىنىۋالدى.
رەۋ. ھازىرنىڭ ئۆزىدە، شۇ تاپتا، چاپسان، دەرھال.
- قاسىم ئاكام سىزنى تېز كەلسۇن، دەيدۇ، - دېدى ئۇ ھاسىراپ.
سۈپ. چاپسان، چاققان، ئىتتىك.
تېز قەدەم. تېز ھەرىكەت. تېز سۈرئەت.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تېز، چاپسان، چەبدەس.