Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىۋىتلىق قەۋەت
بىئولوگىيە
يۇمران مەزگىلدىكى چاڭدان پوستىنىڭ ئەڭ ئىچىدىكى بىر قەۋەت توقۇلما. تىۋىتلىق قەۋەتنىڭ ئچىكى تەرىپىدە چاڭ ئانا ھۈجەيرىسى ۋە چاڭ بار بولۇپ، ئالاھىدە مورفولوگىيىلىك ۋە فىزىئولوگىيىلىك رولى بولىدۇ، چاڭدان پىشقاندا يوقاپ كېتىدۇ. ھۈجەيرىسى تەركىبىدە ئىككىدىن كۆپ يادرو بولىدۇ، ستوپلازمىسى قويۇق بولۇپ، ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى بولىدۇ. ئۇ ئىككى خىل تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر خىلى، بەزلىك تىۋىتلىق قەۋەت ياكى ئاجرىتىپ چىقارغۇچى تىۋىتلىق قەۋەت. بۇ باشتىن ئاخىر كۆپ ھۈجەيرىلىك توقۇلمىلىق تۈزۈلۈشنى ساقلايدۇ. مەسىلەن، بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىق كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەر؛ يەنە بىر خىلى، شەكىل ئۆزگەرتكەن تىۋىتلىق قەۋەت ياكى ئەتراپىدا ئىپتىدائىي ماددا بولغان تىۋىتلىق قەۋەت، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆپ ھۈجەيرىلىك تۈزۈلۈش يىمىرىلىپ، ستوپلازمىلار قوشۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇپ، چاڭ خالتىسى ئىچىگە تارقىلىدۇ، مەسىلەن، ئاپتاپپەرەس، كېۋەز قاتارلىقلارنىڭ چاڭدىنى. تىۋىتلىق قەۋەت گۈل چېڭىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ چاڭنى ئوزۇقلاندۇرغۇچى توقۇلما دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن، چاڭغا سىرتقى پوستىنى تۈزگۈچى پوللېنىن ئاساسى بىلەن سىرتقى پوست پەرقلەندۈرگۈچى ئاقسىلنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ؛ ئۇ يىمىرىلىپ پارچىلانغاندىن كېيىنكى مەھسۇلاتنى چاڭ سۈمۈرۈپ پايدىلىنىدۇ. بەزى ئاتىلىقى يېتەلمەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر چېڭىنىڭ يېتىلمەسلىكى تىۋىتلىق قەۋەت ئىقتىدارىنىڭ غەيرىي نورمال بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.