Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
兔疫
بىئولوگىيە
ئىممۇنىتېت
ئورگانىزمدا بولىدىغان بىر خىل ئانتىگېنلىق غەيرىي تۈزۈلۈشتىكى ماددىلارنى تونۇش، بۇزۇش ۋە يەكلەش ئىقتىدارى. غەيرىي تۈزۈلۈشتىكى ماددىلار سىرتتىن كەلگەن يات ماددا (مەسىلەن، كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملار)، ئورگانىزم ئۆزى ھاسىل قىلغان ئىچكى مەنبەلىك يات ماددا (مەسىلەن، ئۆز تېنىدىكى قېرىغان ياكى خۇسۇسىيىتى ئۆزگەرگەن ھۈجەيرە) ھەمدە ئۆز تېنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولغان ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا بۇ خىل ئىقتىدار ئورگانىزمغا نىسبەتەن پايدىلىق بولۇپ، ئۆز تېنىنى قوغداش، تۇراقلىق ساقلاش ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كۆزىتىش رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن، كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملارنى بۇزۇش، يەكلەش ئارقىلىق يوقۇملىنىشقا قارشى تۇرىدىغان ئىممۇنىتېت ئورگانىزمنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. ئۆز تېنىدىكى قېرىپ ئۆزگىرىپ كەتكەن ھۈجەيرىلەرنى يەكلەش رېئاكسىيىسى ئورگانىزم تېنىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ؛ ئۆز تېنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كۆزىتىپ راك ئۆزگىرىشى قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۆسمە ئىممۇنىتېت رېئاكسىيىسى. ئىممۇنىتېت رېئاكسىيىسى بەلگىلىك شارائىتتا ئورگانىزمغا زىيان يەتكۈزۈشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، ھالەت ئۆزگەرتىش رېئاكسىيىسى، ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتى كېسەللىكى ۋە كۆچۈرۈش ئىممۇنىتېتى قاتارلىقلار.