Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇخۇم سېرىقى خالتىسى
بىئولوگىيە
يەر باغىرلىغۇچىلار ۋە قۇش قاتارلىقلارنىڭ تۆرەلمە تەرەققىياتى جەريانىدا ئۈچەي دىۋارىدىن شەكىللىنىدىغان، تۇخۇم سېرىقىنى ئوراپ تۇرىدىغان خالتىلىق پەردە. تۇخۇم سېرىقىنىڭ خالتا سېپى بولىدۇ. خالتا پەردىدە يەنە نۇرغۇنلىغان تومۇرلار بار. تۇخۇم سېرىقى خالتىسى دىۋارى ۋە قان تومۇرلار خالتا ئىچىدىكى بوشلۇقىغا نۇرغۇنلىغان تۇخۇم سېرىقى تىۋىتلىرىنى ئۇزارتىپ چىقارغان بولۇپ، تۇخۇم سېرىقىنى ئۈنۈملۈك سۈمۈرۈپ ھەم پارچىلاپ تۆرەلمە تېنىنى ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا تۇخۇم سېرىقى خالتىسى يەنە <تۆرەلمە سىرتقى ئۈچەي نەيچىسى> دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەنە شۇنداقلا تۆرەلمىنىڭ دەسلەپكى قان ئىشلەش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. تۆرەلمە تەرەققىياتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە (تۇخۇم سېرىقى سەرپ قىلىنىپ تۈگەيدۇ) ئېنىق قورۇلۇپ كېتىدۇ. تىرىك تۇغىدىغان سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ تۇخۇمىدا گەرچە تۇخۇم سېرىقى بولمىسىمۇ (ياكى مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ)، لېكىن يەنىلا تۇخۇم سېرىقى خالتىسى بولىدۇ، بىراق يوقىلىشى تېزرەك بولىدۇ. بۇ ئىندىۋىد پەيدا بولۇشنىڭ تەكرارلىنىش سىستېمىسىدا يۈز بېرىدىغان بىرخىل ھادىسە ھېسابلىنىدۇ.