Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تۇخۇم پەردىسى
دائىرە: تېببىي卵被膜
luǎn bèi móDئۇنىۋېرسال
卵膜
luǎn móDئۆسۈملۈك
卵膜
luǎn mó
دائىرە: بىئولوگىيە卵膜
luǎnmó
تۇخۇمنىڭ باشقا ھۈجەيرىلەرگە ئوخشاش بىر قەۋەت پلازما پەردىسى ياكى ھۈجەيرە پەردىسى بولىدۇ، لېكىن زور كۆپ ساندىكى تۇخۇملارنىڭ (دېڭىز بۇلۇتلىرى ۋە ئۈچەي قورساقلىقلاردىن باشقا) پلازما پەردىسىنىڭ سىرتىدا بەزى ئالاھىدە قاپچۇق پەردىسى بولۇپ، تۇخۇم پەردىسى دېيىلىدۇ، ئۇ ھايۋانلارنىڭ يېتىلگەن تۇخۇمىنىڭ تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ھايۋاننىڭ تۇخۇم پەردىسى كۆپ خىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە شەكىللىنىش ۋاقتىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ؛ (1) ئىپتىدائىي دەرىجىلىك تۇخۇم پەردىسى (ياكى بىرىنچى تۇخۇم پەردىسى) ئەڭ ئىچىگە جايلاشقان بىر قەۋەت بولۇپ، تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆزى ھاسىل قىلغان. مەسىلەن، دېڭىز كىرپىسى ۋە پاقىلارنىڭ تۇخۇم سېرىقى پەردىسى؛ (2) ئىككىنچى دەرىجىلىك تۇخۇم پەردىسى (ياكى ئىككىنچى تۇخۇم پەردىسى). تۇخۇمدان ئېپىتېلىيىسى ياكى ئۇزۇقلاندۇرغۇچى تۇخۇمنىڭ ھۈجەيرىلىرى شەكىللەندۈرگەن. مەسىلەن، ئادەم تۇخۇمىنىڭ سۈزۈك بەلبېغى ۋە ھاشارات تۇخۇمىنىڭ تۇخۇم شاكىلى (مۈڭگۈز ماددىلىق پەردىسى)؛ (3) ئۈچىنچى دەرىجىلىك تۇخۇم پەردىسى (ياكى ئۈچىنچى تۇخۇم پەردىسى). تۇخۇم، تۇخۇم نەيچىسىدىن ئۆتكەندە نەيچە دىۋارىدىكى بەزلەرنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشى بىلەن شەكىللەنگەن، مەسىلەن، توخۇ تۇخۇمىنىڭ تۇخۇم ئېقى، شاكال پەردىسى ۋە تۇخۇم شاكىلى شۇنىڭدەك قوش ماكانلىقلار تۇخۇمىنىڭ مۈڭگۈز ماددىلىق پەردىسى قاتارلىقلار. تۇخۇم پەردىسىنىڭ قېلىنلىقى ھايۋان تۈرلىرىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. ئادەتتە تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدىغان ھايۋانلارنىڭ تۇخۇم پەردىسى قېلىنراق، بەزىلىرىنىڭ تۇخۇم پەردىسى يەنە نىسبەتەن پۇختا بولىدۇ، تىرىك تۇغىدىغان ھايۋانلارنىڭ تۇخۇم پەردىسى بولسا، نېپىزرەك بولىدۇ. تۇخۇم پەردىسى تۇخۇمنى قوغداپ مېخانىك زەخىملىنىشتىن ساقلاش، شۇنىڭدەك قۇرغاقچىلىق قاتارلىق ناچار مۇھىت ئامىللىرىغا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.