Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تۇخاچېۋىسكىي
دۇنيا تارىخى
图哈切夫斯基
tú hā qiē fū sī jī
(1893 - 1937) سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى. ئاقسۆڭەك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1918-يىلى قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقان. ۇ يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، قىزىل ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ، كولچاك، دېنىكىن ۋە پولشا پومېشچىكلىرىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. 1921-يىلى قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ كرونىشتادت توپىلىڭىنى باستۇرغان. 1922-يىلى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1925-يىلى غەربىي يۆنىلىش ئارمىىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1925 - 1928 - يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1928 - 1193 - يىللىرى لېنىنگراد ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولغان. 1931-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتىتپاقى ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1934-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا سايلانغان. 1936-يىلى دۆلەت مۇداپىئە بىرىنچى مۇئاۋىن خەلق كومىسسارى، قوشۇمچە ھەربىي تەلىم تەربىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىق بولغان. 1937-يىلى 5-ئايدا ھەربىيلىكتىن بوشىتىلغان ۋە قولغا ئېلىنغان، 6-ئايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.