Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇۋا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا قەيت قىلىنغان مۇقەددەس جىلغا كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئاللادىن ۋەھىي كەلگەن جايدۇر. قەيت قىلىنىشىچە، ئاللا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئاياغ كىيىمىنى سېلىۋېتىپ مۇنۇ ۋەھىينى ئاڭلاشقا بۇيرۇغان : « مەن ھەقىقەتەن (ئىبادەتكە لايىق) ئاللاھدۇرمەن. مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، (يالغۇز) ماڭا ئىبادەت قىلغىن،...»(20 - سۈرىنىڭ 14 - ئايىتىدىن) ھەمدە ئۇنىڭغا مىسىردىكى پىرئەۋنگە بېرىپ بىر ئىلاھ ئەقىدىسىنى تەشۋىق قىلىشنى تاپشۇرغان