Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تۇسسېن لوۋېرتۇر
دۇنيا تارىخى
图森.路维杜尔
tú sēn .lù wéi dù ěr
(1743 - 1803) ھايتى ئىنقىلابىنىڭ داھىيىسى. سان - دومىنىكودا تۇغۇلغان، نېگىر قۇلدىن كېلىپ چىققان. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ماتېماتىكا، تىبابەتچىلىك ۋە دورىگەرلىك قاتارلىق بىلىملەرنى ئىگىلىگەن. 1791 - يىلى ھايتى ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن قوزغىلاڭغا قاتناشقان. 1794-يىلى قوزغىلاڭچى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ ھايتىغا بېسىپ كىرگەن ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسنى ئارالدىن قوغلاپ چىقارغان. 1795-يىلى گېنېرالىققا كۆتۈرۈلگەن، 1797-يىلدىن باشلاپ قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ باش قوماندانى بولغان. 1798-يىلى يەنە ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنى قوغلاپ چىقىرىپ، پۈتۈن زېمىننى كونترول قىلغان. 1801- يىلى ھايتىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئۆمۈرۋايەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە كۆrسىتىلگەن. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىپ، بۇيرۇق چۈشۈرۈپ پۈتۈن نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلغان، فرانسىيىنىڭ ئارالدىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى نامدا بار، ئەمەلدە يوق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. كېيىن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان چاغدا فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئالداپ قولغا ئېلىنىپ، فرانسىيىدە تۈرمىگە سولانغان. 1803-يىلى 4-ئايدا تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن.