Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇرۇر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
- دۇر، -تۇر، قوشۇمچىسىنى ئىپادىلەيدىغان كېسىم بەلگىسى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇ كەلگۈسى زامان پېئىلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆتكەن زامان ۋە مەستەرزەكلى ئادەتتە ئىشلىتىلمەيدۇ ۋە «دۇر»، «تۇر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: « ئول تاش تۇرۇر _ ئۇ تاشتۇر؛» « ئول قۇش تۇرۇر _ ئۇ قۇشتۇر» دېگەنگە ئوخشاش. بۇ سۆز جۈملىدە باغلىغۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئەرەپچىدىكى ئۆتكەن زامان ۋە مەستەر شەكلى بولمايدىغان « _ يارىشۇر» دېگەن سۆزگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
2 - 7
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇر ~ دۇر.
ئۆتكەن زامان شەكلى ۋە مەستىرى بولمىغان كەلگۈسى زامان پېئىلى. بۇ ئەرەپچىدىكى «» ۋە «» دېگەن سۆزلەرگە ئوخشاش. بۇ سۆز بىر نەرسە توغرىسىدا سۆزلىنىۋاتقان چاغدا، ئۇنىڭ ئۆز ئورنىدا تۇرغانلىقىنى ۋە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. « ئول ئەۋدە تۇرۇر» دېگەن ئىبارە «ئۇ ئۆيدىدۇر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، « ئۆرە تۇردى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، «ئۆرە تۇردى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. يەنە « ئەر سۆكەل تۇرۇر» دېگەن ئىبارە «ئادەم ئاغرىقتۇر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، «ئۆرە تۇردى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ.
3 - 250