Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇرۇقلۇق
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئورۇقلۇق، ئاجىزلىق.
1 - 654
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىركەلمە
ئىسىم ياكى ئىسىم بىرىكمىسى، سۈپەت ياكى سۈپەت بىرىكمىسى ۋە رەۋىشداش ياكى سۈپەتداشلار بىلەن كېلىپ، ئۇلار ئىپادىلىگەن پاكىتنىڭ مەلۇم ئىشقا قارشى ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدىغان قارشىلىق ھالىتى بولۇپ كېلىدۇ.
ئالدىمىزدا ھەممە ئىمكانىيەت بار تۇرۇقلۇق، بىز نېمىشقا كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا تۇتۇش قىلمايمىز؟
<شۇنداق> دېگەن ئالماش بىلەن بىرىكىپ، ئالدىنقى جۈملىدىكى ئۇقۇمنىڭ كېيىنكى جۈملىدىكى ئوقۇمغا قارىمۇقارشى ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدىغان قارشىلىق ھالىتى بولۇپ كېلىدۇ.
خالمۇرات خالىدەمدىن ئىككى ياش چوڭ، شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدۇ.