Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇرنېر
دۇنيا تارىخى
(1861 - 1932) ئامېرىكا تارىخشۇناسى. ئامېرىكا تارىىخشۇناسلىقىدىكى <چېگرا رايون ئېقىمى> نىڭ ئاساسچىسى. 1884-يىلى خوپكىنىس داشۆسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1889 - 1910 - يىللىرى ئانا مەكتەپ ۋىسكونىست داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1910-ىلى ئامېرىكا تاىرخ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1910 - 1924-يىللىرى خارۋارد داشۆسىدە تارىخشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كالىفورنىيە شتاتىدىكى سان مارىنونىڭ خىندىكتون كۇتۇپخانىسىدا مۇئاۋىن تەتقىقاتچى بولغان. 1893-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامېرىكا تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىدە <چېگرا رايونلارنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى زور ئەھمىيىتى> دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تارىخى توغرىسىدا يېڭى چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ⅪⅩ ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ غەربىدە ئۈزلۈكسىز تۈردە غەربكە قاراپ يۆتكىلىپ تۇرغان بىر چېگرا بولغان، بۇ ئامېرىكا تارىخىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزگەن مۇھىم ئامىل دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى <ئامېرىكا تارىخىدىكى چېگرا رايونلار>. <يېڭى غەربىي رايونىنىڭ گۈللىنىشى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
دۇنيا تارىخى
(1775 - 1851) ئەنگلىيە مەنزىرە رەسسامى. ساتىراش ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بىناكارلىق ئۇستىسىنىڭ ياردەمچىسى بولغان. 1791-يىلى خان جەمەتى شۆيۈەنىدە ئىككى پارچە سۇ بوياق رەسىمىنى كۆرگەزمە قىلىپ ياخشى باھاغا ئىگە بولغان. كېيىن ماي بوياق رەسىملەرنى سىزىدىغان بولغان. سىۋىت بىلەن رەڭنىڭ ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بەرگەن، سۇ بوياق بىلەن ماي بوياق ماھارىتىنى بىر - برىگە كىرىشتۈرۈۋەتكەن. ئەنگلىيە خان جەمەتى گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ۋە پېرىسپېكتىۋلىق بويىچە پروفېسسور تارىخىي مەنزىرە سۈرەت <قورقۇمسىزناملىق ئۇرۇش پاراخوتى>، <نارسوننىڭ ئۆلۈمى> ئالاھىدە خىسلەتكە ئىگە"؛ <يامغۇر، پار، سۈرئەت"، >ئاي يورۇقىدىكى كۆمۈر پورتى< قاتارلىق مەنزىرە سۈرەتلىرى شېئىرىي تۈشكە ئىگە. ئۇنىڭدا سىۋىت بىلەن رەڭنىڭ ئۈنۈمى كارامەت ئوبدان بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى فرانسىيە تەسىراتچىلار رەسسامچىلىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن.