Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇرېن
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى قەدىمكى رايون نامى. قەدىمكى رىم دەۋرىدە شۇ جايغا ماكانلاشقان گاللىيە قەبىلىسى تۇرۇنېلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. Ⅹ ئەسىردە بەگلىك دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن. 1044-يىلى ئانجۇ بەگلىكىگە قوشۇۋېتىلگەن. 1354-يىلى ئانجۇ گرافى ھېنرىخ ئەنگلىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ، ھېنرىخ Ⅱ دەپ ئاتالغاندا، بۇ رايون تەدرىجىي ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ يېرىگە ئايلانغان. 1202 - 1204 يىللىرى فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ بۇ جاينى قايتۇرۇۋالغان، 1356-يىلى كىنەلزىككە ئايلانغان. 1360 - 1584 - يىللىرى فرانسىيە كورۇلىنىڭ كەنجى ئوغلىنىڭ سۇيۇرغال يېرى بولغان. مەركىزى تور.