Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تۇرگېنېۋ
دۇنيا تارىخى
屠格涅夫
tú gé niè fū
(1818 - 1883)، روسىيىلىك يازغۇچى، ئوريولدىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1837 - يىلى پېتربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات - تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ پەلسەپە ۋە كلاسسىك ئەدەبىياتنى داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگەنگەن. ياشلىق دەۋرىدە شېئىرلار (<پالاشا>، <پومېشچىك> قاتارلىقلار) ۋە سەھنە ئەسەلىرى (<يۇندىخور>، <بويتاق> قاتارلىقلار)نى ئىجاد قىلغان. 1847 - 1851-يىللاردا <ئوۋچى خاتىرىلىرى> نى ئېلان قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلغا تەنقىدچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن، بۇ ئەسەر كرىپستنويلۇق تۈزۈمىگە قارشى <كۈچلۈك زەمبىرەك ئوقى> چېغىدا <مۇمۇ> دېگەن پۋېستىنى يېزىپ، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. 1853-يىلى بوشىنىپ چىقىپ، <دەۋر ئىناسنلىرى> ژۇرنىلىدا داۋاملىق ئۆز ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <رودىن>، <ئاقسۆڭەك ئائىلىسى> دېگەن رومانلىرى ۋە <ئاشا>، <ئارتۇقچە ئادەمنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى> دېگەن پوۋېستلىرى ئېلان قىلىنىپ، ئاقسۆڭەك زىيالىيلارنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولمايدىغانلىقى ۋە كۈرەش ئىرادىسىنىڭ كەمچىل بولىدىغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن. 1860-يىلى <ھارپا> رومانىنى يېزىپ، بۇلغارىيىلىك ئىنقىلابچى ئېنسارىۋ بىلەن روسىيىلىك ئىلغار ياش قىزنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. <ئاتىلار ۋە بالىلار> دېگەن رومانىدا (1862) ئاقسۆڭەك لىبېرالىزمچىلار بىلەن ئاددىي زىيالىيلار ئارىسىدىكى ئىدىيىۋى توقۇنش سۈرەتلەنگەن. <تۈتۈن> دېگەن رومانىدا (1867) كونا ئاقسۆڭەكلەر بىلەن ئىلغار ياشلار ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىك كەيپىياتىدا بولغان. 1877-يىلى ئەڭ ئاخىرقى رومانى <بوز يەر> نى ئېلان قىلغان. كېيىن كېسەل بولۇپ ۋاپات بولغان.