Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇرغۇردى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئورۇقلاتتى، تالدۇردى، ھاردۇردى، ھالىدىن كەتكۈزدى.
ئول ئاتىغ تۇرغۇردى _ ئۇ ئاتنى تالدۇردى ( تۇرغۇرۇر _ تۇرغۇرماق).
2 - 252
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇرغۇزدى، قوپقۇزدى، قوپاردى.
ئول مەنى ئورۇندۇن تۇرغۇردى _ ئۇ مېنى ئورنۇمدىن تۇرغۇزدى. ئەر تام تۇرغۇردى _ ئادەم تام تۇرغۇزدى، قوپاردى. ئۆي سېلىنسا ۋە باشقا نەرسىلەر تىكلەنسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ ( تۇرغۇرۇر _ تۇرغۇرماق).
2 - 252