Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تۇراتى
دۇنيا تارىخى
屠拉梯
tú lā tī
(1857 - 1932)، ئىتالىيە ئىشچىلار ھەرىكىتنىڭ ئوڭ قانات يولباشچىسى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. ئادۋوكاتلىقتىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا ئىتالىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان، 1892-يىلى ئۇنىڭدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1896-يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولغان ۋە پارلامېنتتىكى سوتسىيال ئىسلاھاتچىلارغا رەھبەرلىك قىلغان. بۇرژئازىيە بىلەن ھەمكارلىشىش كۆز قارىشىنى ياقلاپ، ئىشچىلار سنىپى ئىنقىلابىي كۈرەش تاكتىكىسىنى قوللىنىشتىن چوقۇم ۋاز كېچىشى لازىم دەپ قارىغان ۋە مەركىزىي پارلامېنت، يەرلىك قانۇ نچىقارغۇچى ئورگانلارنى كونترول قىلىش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مائارىپ قاتارلىق ئورگانلارنى كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنترناتسىئونالغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرغان، لېنىن ئۇنى ئىتالىيىنىڭ مىللېراندى دەپ ئاتىغان. ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى 1922-يىلى پارچىلانغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئۇنڭى ئوڭچىل ئاغمىچىلىقنى ئىزچىل يولغا قويۇشى، فاشىستلار پارتىيىسىنىڭ 1922-يىلى تەختكە چىقىشىغا پايدىلىق بولغان. 1926-يىلى 12-ئايدا فرانسىيىگە قېچىپ بارغان، كېيىن پارىژدا ئۆلگەن.