Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تۇراقلىق ئۆسۈش دەۋرى
بىئولوگىيە
稳定生长期
wěndìngshēngzhǎngqī
ئۆسۈش ئەگرى سىزىقىدىكى ئۈچىنچى دەۋر. بۇ دەۋردە ھۈجەيرىلەرنىڭ سانى زور مىقداردا كۆپىيىپ، ئوزۇقلۇق ماددا سەرپ بولىدۇ. ھەمدە مېتابولىزم مەھسۇلاتى يىغىلىدىغانلىقتىن، ھۈجەيرە سانىنىڭ ئارتىش سۈرئىتى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ، ھەتتا نۆلگە تەڭ بولۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يېڭىدىن ھاسىل بولغان ھۈجەيرىنىڭ سانى ئۆلگەن ھۈجەيرىنىڭ سانىغا تەڭشىلىپ قالىدۇ. شۇڭا تۇراقلىق ئۆسۈش دەۋرىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولىدۇ، ھەمدە بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە تۇراقلىق ساقلىنىدۇ. بۇ دەۋردە بەزى مىكرو ئورگانىزملار ھۈجەيرىسى ئىچىگە زاپاس ماددىلارنى (مەسىلەن، غەيرىي بويىلىدىغان دانىچىلار، ياكى گىلىكوگېن قاتارلىقلارنى) توپلاشقا، ياكى ئىككىلەمچى مېتابولىزم مەھسۇلاتى (مەسىلەن، ئانتىبىئوتىك قاتارلىقلار) لىرىنى بىرىكتۈرۈشكە ۋە بىخ سپورىلىق تاياقچە باكتېرىيىلەر بىخ سپورا ھاسىل قىلىشقا باشلايدۇ. ئەگەر تۇراقلىق ئۆسۈش دەۋرىدە ئوزۇقلۇق ماددا قوشۇلسا بۇ دەۋرنى ماس ھالدا ئۇزارتىپ تېخىمۇ كۆپ ھۈجەيرە ماددىسى ۋە مېتابولىزم مەھسۇلاتىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.