Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىلشۇناسلىق
ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزىنىڭ سىنتاكسىسلىق يول بىلەن زىچ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان، بىرىكىش شەكلى ۋە مەنە جەھەتتىن تۇراقلاشقان، بىر سۆز ئورنىدا قوللىنىلىدىغان بىرىكمە. تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسىنىڭ تەركىبىدىكى سۆزلەر شۇ بىرىكمىدىن ئايرىلسا ياكى ئورنىغا باشقا سۆز ئالماشتۇرۇلسا، تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسىنىڭ مەزمۇنىغا دەخلى يېتىدۇ. تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى ئادەتتە ئۇدۇل مەنە بېرىدىغان تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى ۋە ئىدىئوم دېگەن ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.