Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇراق
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بارماق ۋەزنىدىكى شېئىر مىسرالىرىنىڭ رىتىملىق بۆلەكلىرى (بۇنداق بۆلەكلەر ئارۇز ۋەزنىدىكى شېئىرلاردا روكىن دەپ ئاتىلىدۇ). تۇراق شېئىرنىڭ رىتىمىنى ۋە مۇزىكلىقلىقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسىي ۋاستىسى ھېسابلىنىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، شېئىر مىسرالىرىدىكى بوغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە گۇرۇپپىلىنىشى تۇراق دېيىلىدۇ.
مەسىلەن:
ۋەتىنىم كۆردۈم مەن ئەتەڭنى،
بۈگۈننىڭ ئەڭگۈشتەر كۆزىدە.
ئۇ ساڭا راسلاپتۇ پايانداز.
تەبەسسۇم جىلۋىسى يۈزىدە.
تەبىئىيكى، بۇ مىسرالارنى ئوقۇغان كىشى ئۇزۇنغا ئوقۇپ كېتىۋەرمەيدۇ. بەلكى، ھەر بىر مىسرادىكى سۆزلەر ئارىلىقىدا سەل - پەل توختاپ ئوقۇيدۇ. بۇ توختىلىشلار تەرتىپلىك يوسۇندا تەكرارلىنىپ، رىتىم ھاسىل قىلىدۇ - دە، سۆزلەرگە بىر خىل ئاھاڭدارلىق بەخش ئېتىدۇ. يۇقىرىدىكى بىر كۇپلېت شېئىرنىڭ ھەر بىر مىسراسىدا ئۈچتىن تۇراق بولۇپ، ھەر بىر قۇر توققۇز بوغۇمدىن تەشكىل تاپقان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېئىرىي مىسرالاردىكى ئۆلچەم، بۆلەك ۋە ئاھاڭدارلىق.
<ۋەزىن> شېئىردىكى ھەربىر مىسرانىڭ بوغۇملار سانى ۋە تاۋۇشلارنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
<تۇراق> بارماق ۋەزنىدە يېزىلغان شېئىر مىسرالىرىدىكى بوغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە گۇرۇپپىلىنىشى.
<رىتى
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ۋەزىن >بارماق ۋەزنى< ۋە >ئارۇز ۋەزنى< دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. شېئىرنى قانۇنىيەتلىك ھالدا توختاپ، ئۈزۈپ ئوقۇشتىن تۇراق ھاسىل بولىدۇ، تۇراق سۆزلەرگە ئاھاڭدارلىق بېغىشلايدۇ. ئارزۇ ۋەزنىدىكى شېئىرلاردا رىتىم ئاھاڭدارلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك؛ بارماق ۋەزنىدىكى شېئىردا رىتىم بوغۇملارنىڭ بىر خىل تەكرارلىنىشىدىن، تۇراق، رادىپلاردىن ھاسىل بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
توختاش، تۇرۇش ھالىتى.
ئى كۆڭۈل ھوشيارى بول بىخۇد تۇراقتىن پايدا يوق، بولمىسا باغىڭدا گۈل يانتاق - شىۋاقتىن پايدا يوق.
>ئەد< بارماق ۋەزنىدە يېزىلغان شېئىر مىسرالىرىدىكى بۇغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە گۇرۇپپىلىنىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
مۇقىم، ئۆز پېتى تۇرغان كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
>تۇر<