Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇپراق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەرنى تەشكىل قىلغان جىسىم.
سېرىق توپا، سېغىز توپا. توپا ئالساڭ دۆڭدىن ئال. ئۆزىنىڭ ئۆزىگە، توپىسى كۆزىگە. تۇپراقنى ياخشىلاش دېھقانچىلىقنىڭ ئەڭ ئاساسىي تەدبىرى. يار دەردىدە خاك _ سار بولدۇم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كولاش، ھەيدەش، چېپىش نەتىجىسىدە، چېچىلغان ھالەتتە كەلگەن يەر قاتلىمى.
ئۇ پادىشاھلىق تەختىنى تاشلاپ، ھاممامنىڭ كۈللىرىگە بۇلىنىپ، ساراڭلاردەك بېشىغا كۈل، تۇپراقلارنى چېچىشقا باشلاپتۇ.
يەر شارىنىڭ ئۈستىدىكى ئۆسۈملۈك ئۆسەلەيدىغان قاتلىمى. ئۇ ھەر خىل دانىچە شەكىللىك مىنېرال ماددىلار، ئورگانىك ماددىلار، سۇ، ھاۋا، مىكروئورگانىزم قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن.
شىنجاڭدا ئېدىرلىقلاردا سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تۈزلەڭلىكلەردىمۇ سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر.
مېيىت كۆمۈلگەن گۆرنىڭ ئۈستىدىكى قىرغا ئوخشاش ئۇزۇنچاق ياسالغان توپا دۆۋىسى؛ قەبرە.
ئۇ ھەر پەيشەنبە مازارغا بېرىپ، ئانىسىنىڭ تۇپرىقىغا باش قوياتتى.
كۆچمە. يۇرت، زېمىن؛ ۋەتەن.
ئۆلسەم ئۇلار تېنىمنى يۇيۇپ، جىنازامنى كۆتۈرۈپ، مۇشۇ ئۇلۇغ تۇپراققا كۆمىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
زېمىننىڭ ئۈستى قەۋىتى؛ ئۈنۈملۈك يېرى؛ نېمەتلىك، مۇنبەت.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
زېمىننىڭ ئۈستى قەۋىتى؛ ئۈنۈملۈك يېرى؛ تۇپراقتەك نېمەتلىك، قوينى كەڭ، سېخىي كىشى.