Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
托叶
بىئولوگىيە
ھەمراھ يوپۇرماق
يوپۇرماقنى تەشكىل قىلغۇچى قىسىملارنىڭ بىرى بولۇپ، كىچىك يوپۇرماقسىمان بولىدۇ، يوپۇرماق سېپى بىلەن غولى تۇتىشىدىغان ئورۇننىڭ ئىككى يېنىغا جايلىشىدۇ. كۆپلىگەن ئۆسۈملۈكلەردە ھەمراھ يوپۇرماق بولمايدۇ. ھەمراھ يوپۇرماق بىخ مەزگىلىدە يۇمران يوپۇرماق ۋە قولتۇق بىخنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. چوڭايغاندىن كېيىن بەزى ھەمراھ يوپۇرماقلار بالدۇر تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، بەزىلىرى تۆكۈلمەيدۇ. سويا پۇرچاق ھەمراھ يوپۇرمىقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، يوپۇرماق بىلەن بىرلىكتە فوتوسىنتېز ئېلىپ بارىدۇ. ئاق ئاكاتسىيىنىڭ ھەمراھ يوپۇرمىقى تىكەنگە ئۆزگىرىپ كەتكەن بولىدۇ. پىلپىلنىڭ ھەمراھ يوپۇرمىقى چىرمىغۇچقا ئايلانغان بولىدۇ. قامچىئوت ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەمراھ يوپۇرمىقى كېڭىيىپ غولىنى ئوراپ تۇرىدۇ. گاليوم ئوتىنىڭ ھەمراھ يوپۇرمىقى يوپۇرماققا ئوخشاش بولۇپ، ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئۇدۇل ئۆسكەن ئىككى تال يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن ئالتە تال يوپۇرماق دەپ خاتا تونۇلۇپ قالىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
tuō yè
يان يوپۇرماق
Dدېھقانچىلىق
tuō yè
ھەمراھ يوپۇرماقDئۆسۈملۈك
tuō yè
تەگ يوپۇرماق