Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
托尼
دۇنيا تارىخى
تاۋنېي
(1880 - 1962) ئەنگلىيە ئىقتىساد تارىخشۇناسى. ئوكسفورد، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا كۆپ يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئىشچىلار مائارىپغا كۆڭۈل بۆلگەن. ئىشچىلار مائارىپى جەمئىيىتىدە رەئىس (1928 - 1944) بولغان. <ⅩⅥ ئەسىردىكى يەر مەسىلىسى> دېگەن كىتابىدا ئەنگلىيە يەر چىتلاش ھەرىكىتى ۋە ئەنگلىيە يېزا مۆتىۋەرلىرى تەبىقىسىنىڭ گۈللىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلغان. يەنە <تويماس جەمئىيەت>، <دىن ۋە كاپىتالىزمنىڭ باش كۆتۈرۈشى>، <جۇڭگو يەرلىرى ۋە ئەمگەك كۈچى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
tuō ní
تونى