Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
拓刀田
دۇنيا تارىخى
قىلىچ بىلەن ئايرىلغان يەر
كېسىپ بېرىلگەن يەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ۋيېتنام پادىشاھى تۆھپىكارلارغا بەرگەن سۇيۇرغال يەر. لى سۇلالىسىدىن تارتىپ باشلانغان. تەيزۇڭ دەۋرى (1028 - 1054)دە، <توپىلاڭنى تىنجىتىش>تا خىزمەت كۆرسەتكەن لى فېڭشياۋ ئۇنۋان قوبۇل قىلىشنى خالىماي، بەلكى مۇزتاغ (تانغۇئا)قا چىقىپ، قىلىچىنى يىراققا ئېتىپ قىلىچى چۈشكەن يەنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇشىنى تەلەپ قىلغان، پادىشاھ ئۇنىڭ تەلىپىگەقوشۇلغان. كېيىن تۆھپىكارلارغا ھەدىيەقىلىپ بەرگەن يەرلەر، <قىلىچ بىلەن ئايرىلغان يەر> دەپ ئاتالغان. بۇنداق يەرلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەرلەر ئىچىدە تەشكىل قىلغان سالمىقى ئانچە چوڭ ئەمەس. بۇنداق يەرلەر نامدا پادىشاھنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولغان، ھەدىيىگە ئىگە بولغۇچىنىڭ بۇنداق يەرگە تولۇق ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بولمىغان ھەمدە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى قايتۇرۋېلىنغان، ئازغىنە قىسمى ۋارىسلىق قىلىنىدىغان يەر قىلىنىپ ئەۋلامۇ - ئەۋلاد مىراس قالدۇرۇلغان. قىلىچ بىلەن ئايرىلغان يەرلەر مۇستەقىل سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بىرلىك ئەمەس، بۇنداق يەردە تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلار زېمىندارغا تولۇق بېقىندى بولمىغان. ئۇلار ئاساسلىقى زېمىندارلارغا يەر ئىجارىسى تاپشۇرۇش ۋە ھەربىي خىزمەت ئۆتەپ بېرىشتىن تاشقىرى، يەنە ئوردىغا باج تاپشۇرغان ۋە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن.