Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇملىدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
توڭلىدى، مۇزلىدى.
سۇۋ تۇملىدى _ سۇ توڭلىدى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق ( تۇملىر _ تۇملىماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كۆردى مەنى ئەملەيۈ
باقتى ماڭا ئىملەيۈ
قالدىم كۆڭۈل تۇملىيۇ
قادغۇ مەنى تۇرغۇرۇر
«كۆرۈپ مېنى ئەملىدى،
ماڭا قاراپ ئىملىدى،
كۆڭلۈم توڭلىغان پېتى قالدىم،
قايغۇ مېنى ھارغۇزىدۇ.»
سۆيگىنىم مېنى بىر بېقىش بىلەنلا داۋالىغان، ماڭا ئىشارەت بىلەن سالام بەرگەن ئىدى؛ ئەمدى ئۇنىڭ تەسىرىدە يەتكەن جاپا - مۇشەققەت ۋە قايغۇ - ئەلەملەر سەۋەبىدىن قەلبىم توڭلاپ كەتتى، قايغۇ مېنى ئېغىرلاشتۇرۇۋاتىدۇ.
3 - 402