Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇلۇنىيە سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(868 - 905) شىمالىي ئافرىقا، غەربىي ئاسىيادىكى يەرلىك ئىسلام سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلالىنى تۈرك ئەھمەد ئىبنى تۇلۇن (868 - يىلىدىن 884 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) قۇردى. ئەينى چاغدا ئەھمەد ئىبنى تۇلۇن خەلىپە ئابباسىينىڭ مۇھاپىزەتچىلەر قوماندانى بولغان، 868 - يىلى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ مىسىردىكى باش ۋالىسىغا ئاديۇتانت (فۇگۇەن) لىككە تەيىنلەنگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزى ئەسكەر تۇتۇپ، مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرۇپ، فىستات (كونا قاھىرە) نى پايتەخت قىلغان. گۈللەنگەن دەۋرىد زېمىنى مىسىر، سۈرىيە ۋە دەمەشىقنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. نامدا ئابباسىيلار سۇلالىسىغا ئولپان تۆلىدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە قۇللاردىن تەركىب تاپقان كۈچلۈك قوشۇنغا ۋە كېمە ئەترىتىگە ئىگە بولۇپ، مىسىر تارىخىدىكى <ئالتۇن دەۋر> دەپ ئاتالدى. كېيىن ئابباسىيلار سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلدى.