Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تۇلون
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر土伦
tǔ lún
فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە يەر ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىدىكى مۇھىم پورت شەھىرى، فرانسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي پورتى. بۇ شەھەر يەر ئوتتۇرا دېڭىزىغا سوزۇلۇپ چىققان يېرىم ئارال ئارقىلىق قورشىلىپ تۇرىدىغان تۇلون قولتۇقى بويىغا جايلاشقان، ئاھالىسى 182 مىڭدىن ئاشىدۇ. تۇلون شەھىرىنڭ شەرقىي شىمالىدا زاپىسى مول بولغان ئاليۇمىن توپىسى كېنى جايلاشقانلىقتىن، ئاليۇمىن سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا پايدىلىق شارائىتلار بىلەن تەمىنلىدى. شۇڭا بۇ جاينىڭ ئاليۇمىن سانائىتى، كېمىسازلىق سانائىتى، ماشىنىسازلىق سانائىتى، ھەربىي سانائىتى تەرەققىي قىلغان. تۇلون پورتىنىڭ يېنىدا يەنە مېھمان توشۇش پورتى بار. بۇ جايدىن ھەر يىلى فرانسىيە ھەم چەت ئەللەردىن كەلگەن مېھمانلار پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ئوتتۇرا دېڭىز ئىچىگە جايلاشقان كورسىكا، ساردىنىيە ئاراللىرىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ قايتىدۇ. تۇلون شەھىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ كېيىن قايتا قۇرۇلغان.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى土伦〈法〉
tǔ lún 〈fǎ 〉
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.