Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇيۇق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
شېئىرنىڭ بىر تۈرى. مۇختەمىلات، تەجىنىس.
تۇيۇقتىن بىر كوپلېت:
ئەل، ۋەتەننىڭ ئىشقىدا كۆي، گۈلخان بولۇپ سەن يان بالام،
ياخشىلىقتىن قولنى ئۈزمە، نامەرد يولىدىن يان بالام.
گەر ھەقىقەت بوستىنىدا ئىستىسەڭ كۈلمەكنى سەن،
كۆڭلى قىش ناكەسكە ھەرگىز باسمىغىن ھېچ يان بالام.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
چىقدىغان ئېغىزى يوق، پۈتۈك، ئاخىرى يوق.
تۇيۇق يول.* تۇيۇق يولغا باشلىماق.* تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
<تەجىنس> كە قاراڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېئرنىڭ ئاھاڭداش سۆز _ ئىبارىلەردىن قاپىيە تۈزۈلگەن بىر تۈرى.
مانا تېيىپجان ئېلىيېۋنىڭ تۇيۇقلىرىدىن بىرى: چۆللەردە قالساممۇ ناھاجەت ئات ماڭا، سىڭدى « مەجنۇن » دەپ چىرايلىق ئات ماڭ، قېنى سەن لەيلى، مېنى ئۆلمە دېسەڭ، ئوق قىلىپ كىرپىكلىرىنى ئات ماڭا.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
بىلىنىپ قالماق. سېزىلىپ قالماق. مەسىلەن: بۇ ئىش تۇيۇق بولۇپ قاپتۇ _ بۇ ئىش سېزىلىپ قاپتۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇيۇق، تۇتۇق.
تۇيۇق كىشى _ تۇتۇق ئادەم، غەمكىن ئادەم. تۇيۇق كۈن _ تۇمانلىق ۋە بۇلۇتلۇق كۈن. تۇيۇق قاپۇغ _ يېپىق قوۋۇق.
3 - 228
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئاخىرى يوق، ئاخىرىنى تاپقىلى بولمايدىغان.
تۇيۇق يول.
ئى. پىچان ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سەزگۈ، تۇيغۇ.
تۇيۇق بولماق. تۇيۇق چۈشمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەدەبىيات
1 -، 2 -، 4 - مىسرالىرى شەكىلداش سۆزلەردىن قاپىيىلىشىپ كەلگەن سۆز ئويۇنى شەكلىدىكى، تولۇق ئاياغلاشقان ئوي - پىكىرگە ئوي - پىكىرگە ئىگە تۆت مىسرالىق شېئىر.