Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇيغۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى تېز سەزگۈچى، تۇيغۇچى.
سەزگۈر كىشى زىيان - زەخمەتكە ئاز ئۇچرايدۇ. تۇيغۇن يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى تۇيىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەقلى - ھوشى ئۆتكۈر، سەزگۈ - تۇيغۇسى ئىتتىك. ئىش - ھەرىكەتنى تېز ۋە ئاسان بىلىۋالىدىغان.
بىخۇت، گاراخ، گاراڭ
ئەقلى - ھوشى جايىدا ئەمەس، ئىش - ھەرىكەتنى ئاسان سەزمەيدىغان.
يالغۇز يۈرگەن ھوشيار بولسا، باياۋاندىمۇ بۆرىگە يەم بولماس. بىخوت يىگىت بېشىنىڭ نەدە كېسىلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. ھەرقانداق سەزگۈر ئادەممۇ دۈمبىسىنى كۆرەلمەس. ساقىي بولساڭ، ساق بول. تۇيغۇن تۇيدۇرمايدۇ، گاراڭ گاڭگىرايدۇ. ئىسلام يەر تېگىدە يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى بىلىدىغان تۇيغۇن يىگىت.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئاق قارچۇغا. مەسىلەن:
تۇيغۇن بىرلا قۇش،
ھەرگىز تۈشمەس تورىغا.
يەنە ناگايى چۈشەر،
شۇڭقار - لاچىن تورىغا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئاسان تۇيىدىغان، تېز سېزىپ، پەملەپ، بايقىيالايدىغان؛ سەزگۈر.
بۇغا دېگەن بۇ جانىۋار بەكمۇ تۇيغۇن، ھاۋانى پۇراپ، شەپىنى تىڭشايدۇ.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. ئاق قارچىغا.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ھوشيار، زېرەك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
سەزگۈر، تېتىك، زېرەك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
تۇيغۇن، سەزگۈر، زىرەك، ھۇشيار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
تۇيغۇنجان
ھۇشىيار، زېرەك
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ھۇشيار، زىرەك كىشى. باشقا شەكىللىرى: تۇيغۇنبەگ، تۇيغۇنباي.