Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇڭگۇي سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگو ئىسلام دىنىدىكى خۇفىيەنىڭ تارمىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىنگونىڭ باشلىرىدا ماجىڭگۇي (؟ - 1936) بۇ سۈلۈكنى نىڭشا يېڭچۇەندىكى تۇڭگۇيباۋدا قۇرغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇنىڭ سىلسىيەسى شىنجاڭدىكى ئېريىڭ ساۋاب خانىقاسىدىن كەلگەن. ماجىڭگۇي ئەسلىي يىڭچۇەن تۇڭگۇيەدىكى شوما مەسچىتىنىڭ مۇددەرس ئاخۇنى بولۇپ، پىڭلياڭدىكى <چاۋدىيەنما> ئاخۇن (لەنجۇدا ماۋېنچۇەننىڭ ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلغان. كېيىن ئېريىڭدىكى ساۋاب خانىقاسىغا بارغان) دىن تەلىم ئالغاندىن كېيىن، ئىستىقامەت قىلغان ھەمدە كىشىلەرگە زىكر سېلىشنى ئۆگەتكەن. ماجىڭگۇي ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوغلى ما گۇاڭلىنى ئۇنىڭغا ئاتاپ گۈمبەز سالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى. نەپەس ئالماي زىكر سېلىشقا، دېمى ئۈزۈلۈپ ماغدۇرىدىن كەتكىچە <ئاللا> دەپ زىكر سېلىشقا، بۇ سۈلۈك شىنجاڭدىكى ئىشانلاردىن كەلگەن. دەسلەپ رايون پەرقى بولمىغان. كېيىن نىڭشادىكى خېلەن، يۇڭنىڭ، پىڭلو قاتارلىق جايلاردا تارقالغان. ئادىمى نەچچە يۈز ئۆيلۈككە يەتكەن.