Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تۇڭگو دەرىخى
بىئولوگىيە
油桐
yóutóng
سۈتلۈك ئوت ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يوپۇرماق تاشلايدىغان كىچىك دەرەخ، تەركىبىدە سۈت بولىدۇ. شېخى كۆپ، دەرەخ تاجى ياپىلاق، شېخى توم بولۇپ، تۈكى بولمايدۇ. يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان يۇمىلاق، 3 - 5 تېيىز يېرىلغان ياكى يېرىلمىغان، گىرۋىكى تولۇق بولىدۇ، يۇمران يوپۇرمىقىنى دات رەڭ قىسقا تۈك قاپلاپ تۇرىدۇ، كېيىن تۈكچىلىرى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ؛ يوپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12 سانتىمېترغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۇچىدا ئىككى تال ياپىلاق سېپى بولمىغان قىزىل رەڭلىك ھەسەل بېزى بولىدۇ. گۈلى كۆپ بولۇپ، ئالدىنقى يىلى ئۆسكەن شاخنىڭ ئۇچىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ، يوپۇرماق چىقىشتىن بۇرۇن ئېچىلىدۇ؛ گۈلى چوڭ ھەم كۆركەم، رەڭگى ئاق بولۇپ، سارغۇچ قىزىل تۈكچىلىرى بولىدۇ؛ گۈلى چوڭ ھەم كۆركەم، رەڭگى ئاق بولۇپ، سارغۇچ قىزىل تۈكچىلىرى بولىدۇ؛ گۈلى تاق جىنىسلىق بولۇپ، ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تۈپتە ئۆسىدۇ، كونۇسسىمان گۈل رېتى تىپىدىكى مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى بولۇپ تىزىلىدۇ، ئاتىلىقى 8 - 20 تال. ئۈچكىلىك مېۋىسى شار شەكىللىك، ئۇرۇق پوستى قېلىن قاسىراقسىمان بولىدۇ، ئەسلى ماكانى جۇڭگو بولۇپ، ئوتتۇا جەنۇب، غەربىي جەنۇب شەرق ھەمدە جياڭشى ۋە گەنسۇنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا ئۆستۈرۈلىدۇ؛ ۋېيتنامدىمۇ بار. تۇڭگو دەرىخى ئاساسلىق ياغاچ غوللۇق ماي ماتېرىيالى ئۆسۈملۈكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇرۇقىدىن تارتىلغان ماي تۇڭگو مېيى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇرۇقى تەركىبىدىكى ماي 70 پىرسەنتكە يېتىدۇ، ئۇنىڭ مېيى سىر ياساش، خەت بېسىشنىڭ ئەڭ ياخشى ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. يىلتىز، يوپۇرماق، گۈل ۋە مېۋىسى دورا قىلىنىدۇ، ئىششىقنى ياندۇرۇپ قۇرت ئۆلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇرۇقنىڭ پوستىدىن ئاكتىپلاشتۇرۇلغان كۈمۈر ياسىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
油桐
yóu tóng