Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تۇغلۇق خاندانلىقى
دائىرە: دۇنيا تارىخى图格拉克王朝
tú gé lā kè wáng cháo
ھىندىستان دېھلى سۇلتانلىقىنىڭ خاندانلىقى. 1321-يىلى، كالجى خاندانلقىنىڭ پەنجاپتىكى باش ۋالىيىسى غىياسىددىن تۇغلۇق (؟ - 1325) دېھلىغا بېسىپ كىرىپ، كالجى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالغان. خۇسراۋخاننى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى سۇلتان بولۇپ، تۇغلۇق خاندانلىقىنى قۇرغان. ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد تۇغلۇق (1325 - 1351 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئالدىنقى مەزگىلدە دۆلەت قۇدرەت تاپقان، كېيىنكى مەزگىلدە باج - سېلىق ئېغىرلىشىپ، خەلق قوزغىلىڭى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ، ھەر قايسى جايلارا كەينى كەينىدىن توپىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، بەگ - تۆرىلەر تەپرىقە كۈچلىرى باش كۆتۈرگەچكە، خانانلىق پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەن. 1398-يىلى كۈزدە تېمۇر بېسىپ كىرگەن، دېھلى قولدىن كەتكەن. ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا تېمۇر چكىنگەندە، سۇلتان يەنە دېھلىغا قايتىپ كەلگەن، لېكىن ئۇنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرى دېھلى ئەتراپى ۋ پەنجاپ ئەتراپلىرىغىلا يەتكەن. 1414-يىلى تۇغلۇق خاندانلىقىنىڭ ئورنىغا سەييىدە خاندانلىقى دەسسىگەن.
تارىخ
图格拉克王朝
tú gé lā kè wáng cháo
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.