Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇغدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇغدى، تۇغۇلدى.
كۈن تۇغدى _ كۈن تۇغدى، كۈن چىقتى. ئوغۇل تۇغدى _ ئوغۇل تۇغۇلدى. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: مۇش ئوغلى مۇياۋۇ تۇغار _ مۈشۈك بالىسى مىياڭلاپ تۇغۇلار، يەنى مۈشۈك بالىسى ئانىسىدەك مىياڭلايدۇ. بۇ ماقال خۇلق - مىجەزى ئاتىسىنى دورىغان بالىلارغا قارىتىپ ئېيتىلىدۇ ( تۇغار _ تۇغماق).
2 - 18
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇغدى، چىقتى. كۆتۈرۈلدى، ئۆرلىدى.
تاغ تۇغدى _ توزان كۆتۈرۈلدى ( تۇغار - تۇغماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئاغدى قىزىل بايراق
تۇغدى قارا توپراق
يەتشۈ كەلىپ ئوغراق
توقشىپ ئانىن كېچتىمىز
«قىزىل بايراق كۆتۈرۈلدى،
قارا چاڭ - توزان ئۆرلىدى،
ئوغراقلار يېتىشىپ كېلىپ (قوشۇلدى)،
ئۇرۇش قىلىپ شۇنىڭ بىلەن كېچىكتۇق.»
مۇسۇلمانلار قوشۇنىدىن قىزىل بايراق كۆتۈرۈلدى، قارا چاڭ - توزان ئۆرلىدى؛ ئوغراقنىڭ ئاتلىقلىرى بىزگە يېتىپ كېلىپ قوشۇلدى، بىز بىرلىكتە ئۇرۇشتۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن كېچىكتۇق.
3 - 253