Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇغ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. ئەلەم، بايراق.
تۇغ كۆتۈرمەك.
2. داخانلارنىڭ كېسىلىگە ئوقۇغاندا ئۆيگە تارتقان ئارغامچىسى ۋە ئۇنىڭغا ئېسىلغان ئالىيېشىل لاتىلار. تۇغ باغلىماق.* تۇغنى ئايلانماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تۇغان، دامبا، توسما.
تۇغ سالماق.* تۇغ تۇتماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تۇغماق، تۇغۇش. بالا كۆتۈرمەك؛ بالىلىماق؛ كاكىلىماق.
ئوغۇل ئۆزىدىن، قىز تۇغسا خوتۇندىن كۆرمەك ( ماقال ).* ساغلىقىمىز تۇغدى.* توخۇيىمىز تۇخۇم تۇغدى.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
بايراق:
غەمدە سارۇلغا تەنىم گەردىن كۆرۈپ شاشماس كۆزىن،
تۇغ كۆرۈپ ئانداغ كىيىكلەركىم تېڭىرقاپ قاراشۇر.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت، ئارمىيە ۋە تەشكىلاتنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى.
دۆلەت بايرىقى. قىزىل بايراق. پارتىپە بايرىقى. كومپارتىيە بايرىقىنىڭ بەلگىسى ئوغاق - پالتا ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى كۆرسىتىدۇ. يا ئەلەمدە يوق، يا قەلەمدە. بۈگۈن بايرام، يىغىندا تۇغ - ئەلەملەر لەپىلدەپ تۇرىدۇ.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
چاڭ - توزاڭ. مەسىلەن:
ئاندا يارىم كېلەدۇ،
توققۇز داۋانلارنى داۋاپ،
ئاي يۈزىگە تۇغ قونۇپتۇ،
يامان ئاتلارنى ساۋاپ.
شىۋىلەر
تۇغان، توسما. مەسىلەن: تۇتتى، تۇغ باستى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
دۇمباق.
خاننىڭ ھۇزۇرىدا چېلىنىدىغان دۇمباق. « خان تۇغ ئۇردى _ خان نۆۋەت دۇمبىقىنى چالدى» دېگەن ئىبارە شۇنىڭدىن ئېلىنغان.
3 - 175
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇغ، بايراق.
توقۇز تۇغلۇغ خان _ توققۇز تۇغلۇق خان ياكى خاقان. خاننىڭ قول ئاستىدىكى ۋىلايەتلەر ھەر قانچە كۆپىيىپ، مەرتىۋىسى يۇقىرى كۆتىرىلسىمۇ، تۇغلىرى توققۇزدىن ئاشمايدۇ. چۈنكى توققۇز سانى خاسىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ. خاننىڭ بۇ تۇغلىرى كاككۇك ئاغزى رەڭلىك يىپەك رەختتىن ياسىلىدۇ. بۇمۇ خاسىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ.
3 - 175
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇغ، تۇغان.
سۇۋقا تۇغ ئۇر _ سۇغا تۇغ باغلا.
3 - 176
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ قاپقىقى، ياپقۇچى. « تۈڭلۈك تۇغى _ تۈڭلۈك ياپقۇچ» دېگەن سۆز شۇنىڭدىن ئېلىنغان.
3 - 176
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بارگاھ، قارارگاھ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بايراق، ئەلەم.
قوشۇن بېشىدا باشقىلاردىن پۇزۇرراق كىيىنگەن ئۈچ ئاتلىق چېرىك قىز بىر تۇغنى تىك تۇتۇپ تۇراتتى.
تۇپراق بېشىدىكى خادىلارغا ئېسىلغان قوتازنىڭ قۇيرۇقلىرى ۋە ئاق، قىزىل، سېرىق لاتىلار.
داخانلارنىڭ بىر ئۇچىنى ئۆينىڭ تورىسىغا، بىر ئۇچىنى يەرگە مەھكەم قىلىپ ئورناتقان ئارقىنى ۋە شۇ ئارقانغا باغلانغان ھەر خىل رەڭدىكى لاتىلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئېتىزلارغا سۇ تۇتۇش ئۈچۈن ئېرىق - ئۆستەڭلەرگە سېلىنغان توپا توسۇق، تۇغان.
تۇغ سالماق. تۇغ تۇتماق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
بايراق، تۇغ، ئەلەم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قەدىمدىن بۇيان پاشالارغا بېرىلگەن ئات يايلىدىن ئىشلەنگەن بايراق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
تۇغ-ئەلەم، بايراق؛ باشلامچى، ئالدىن يۈرگۈچى، باشچىلىق قىلغۇچى كىشى.