Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۈزۈلۈشى غەيرىي خروماتىن
بىئولوگىيە
خروموسومدىكى دائىم قىسقارغان ھالەتتە تۇرىدىغان غەيرىي خروماتىندۇر. ئۇ ئاساسەن يىپلىنىش دانىچىسى (سېنرومېر)، تېلومېر (ئۈچ دانچىسى)، يادرو مېغىزى (يادروچاق) نى تۈزگۈچى بۆلىكى ھەمدە Y خروموسىغا تارقالغان ئوخشاش مەنبەلىك ھۈجەيرىلەردىكى ھەر قانداق بىر جۈپ ئوخشاش مەنبەلىك خروموسلاردىكى تۈزۈلۈشنىڭ غەيرىي خروماتىنلىرى ئوخشاش ئورۇندا بولۇپ، شۇ ئوخشاش مەنبەلىك خروموسوما جۈپىنىڭ مەڭگۈلۈك ئالاھىدە تۈزۈلۈشىنى ھاسىل قىلىدۇ. تۈزۈلۈشى غەيرىي خروماتىندا تىزىلىش رېتى قايتىلىنىدىغان ۋە قايتىلانمايدىغان DNA بولۇپ، تىزىلىش رېتى يۇقىرى دەرىجىدە قايتىلىنىدىغان DNA دىكى تۈزۈلۈشى غەيرىي خروماتىن ئاساسەن يىپلىنىش دانىچە رايونىدا بولىدۇ، ئومۇمەن ئۇلاردا كۆچۈرۈش ئاكتىپلىقى كەمچىل بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. <غەيرىي خروماتىن> غا قاراڭ.