Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۈزمەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تۈزمەك، تۈزەتمەك، توغرىلىماق؛ بىنا قىلماق، ياراتماق:
كېلىشتۈرمەك.
سازلىماق؛ تەرتىپكە سالماق. تەييەرلىماق.
1. يۈز جەفاۋۇ جەۋر ئەسبابىن تۈزەر، كۆركىم، بۇ دەھر،
خاتىرىم خۇررەملىغىن ھەر لەھزەكىم ياد ئەيلەمىش.
ئەرشى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تىزماق، تۈزلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ۋۇجۇدقا چىقارماق، ياراتماق، بەرپا قىلماق؛ تۇرغۇزماق، بەلگىلىمەك.
ئەھدىنامە تۈزمەك. لايىھە تۈزمەك. پىلان تۈزمەك. كېلىشىم تۈزمەك.
مەلۇم شەكىلگە كەلتۈرمەك، ياسىماق.
ھاتەم خۇداغا مىڭ شۈكۈرلەر ئېيتىپ، ھېلىقى گىياھتىن گۈلدەستە تۈزۈپ، ئارقىسىغا ياندى.
مەلۇم ئۇسلۇب، شەكىلگە كەلتۈرۈپ يېزىپ چىقماق.
جۈملە تۈزمەك. لۇغەت تۈزمەك.
چالغۇ ئەسۋابلىرىنى مەلۇم پەدە، ئاھاڭغا توغرىلاپ تەڭشىمەك.
دۇتارنى تۈزمەك.
تەشكىللىمەك، ئۇيۇشتۇرماق.
ئۇ، ئەتراپىغا بىر قىسىم ئېغىز پالۋانلىرىنى توپلاپ، ھاكىم مەسۇمئاخۇن ۋە مۇئاۋىن ھاكىم ھاشىمئاخۇنغا قارشى <ئىتتىپاق> تۈزدى.