Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۈزىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قولاي - ئوبدان ھالەتكە كەلتۈرمەك، توغرىلىماق.
بېرەرمەننىڭ بېشىنى ئالارمەن ئوڭلاپتۇ. يېرىڭنىڭ قار بىلەن توڭلىغىنى - ئىشىڭنى خۇدانىڭ ئوڭلىغىنى. تۆھمەت يارىسى تۈزىلەر، يامان ئاتاق تۈزەلمەس. مۈكچەيگەننىڭ بېلىنى كەتمەن تۈزەيدۇ. قىڭغىرنى تۈزە، ياماننى جۆندە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كىيىم - كېچەك ۋە ئۈستۋېشىنى رەتلىك قىلىپ تۇرقىنى ئوڭلىماق، ياسانماق.
ياقىسىنى تۈزىمەك. كۆڭلىكىنى تۈزىمەك.
بۇزۇلغان، ئىشتىن چىققان نەرسىلەرنى رېمونت قىلماق، پايدىلىق ھالەتكە كەلتۈرمەك.
كەتمەن - گۈرجەك، سوقا - سايمانلارنى بىزنىڭ تۆمۈرچىلىرىمىزمۇ ئۆزى ياساپ، ئۆزى تۈزەلەيدۇ.
تۈز، تىك، رۇس ھالەتكە كەلتۈرمەك.
ياغاچنى رەندە تۈزەيدۇ، ئادەمنى تەربىيە تۈزەيدۇ (ماقال).
ئۇ قەددىنى تۈزەپ، يەنە دەريانىڭ نېرىقى قىرغىقىنى كۆزلىرى بىلەن ئاختۇرۇشقا باشلىدى.
تەرتىپلىك، نورمال، ياخشى ھالەتكە كەلتۈرمەك؛ ياخشىلىماق.
جاھاننى بىراۋ تۈزەپ بەرمەيدۇ، ئۇنى تۈزەيدىغان سېنىڭ بىلەن بىز.
ئەيىب، نۇقسان ۋە يامان ئادەتلەرنى يوقىتىپ، ياخشى ھالەت، ياخشى ئادەتنى شەكىللەندۈرمەك.
قايسى گۇرۇپپا تېخنىك ئۆلچىمىنى بۇزسا، خاتاسىنى ئۆزى تۈزىشى كېرەك.
كىرگۈزمەك، ياخشىلىماق (تەم ھەققىدە).
باغدا ئۆرۈكلەر مەي بولۇپ پىشىپ، تەكلەردە ساڭگىلاپ كەتكەن سانجاق - سانجاق ئۈزۈملەر تەم تۈزەۋاتقان ياز پەسلى ئىدى.