Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۈرمەل
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
جىلتىنىڭ ئىچىگە توغرالغان كۆكتات سېلىپ تۈرۈپ پىشۇرۇلغان ھورنان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئىچىگە تاش ئېلىپ، شاخ _ شۇمبا ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولىنى يۈگەپ باغلىغان، سۇنى توسۇشقا ئىشلىتىلىدىغان توساق، چوڭ باغلام
تۈرمەل ياساپ، ئېرىققا سېلىندى.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئارىسىغا كۆكتات ئېلىپ، تۈرمەللەپ، جىمبىلدا پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل ھورنان.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
باغلام؛ توساق (سۇنى قاچۇرۇش ئۈچۈن شاخ - شۇمبىدىن ياسالغان توساق).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قولاشقان، تۈرۈلگەن، قاتلانغان جاي، قورۇق.
قېرىلىقتىن ئۇنىڭ بويۇنلىرى تۈرمەل بولۇپ كېتىپتۇ.
ئىچىگە تاش ئېلىپ، شاخ - شۇمبا ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولىنى يۆگەپ باغلىغان، سۇنى توسۇشقا ئىشلىتىلىدىغان چوڭ باغلام.
ئارىسىغا كۆكتات ئېلىپ، تۈرمەللەپ، جىمبىلدا پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل ھورنان