Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۈركمەن
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈركمەن.
بۇلار ئوغۇزلاردۇر. بۇلارنىڭ تۈركمەن دەپ ئاتىلىشىدا مۇنداق بىر ھېكايە بار:
زۇلقەرنەين سەمەرقەنتتىن ئۆتۈپ، تۈرك شەھەرلىرىگە يول ئالغان چاغلاردا، تۈركلەرنىڭ « شۇ» ئىسىملىك بىر ياش خاقانى بار ئىدى. ئۇ چوڭ قوشۇن ئىگىسى ئىدى. بالاساغۇن يېنىدىكى « شۇ» قەلئەسىنى شۇ ئۆزى ئالغان ۋە بىنا قىلدۇرغان. بۇ قەلئە ئالدىدا ھەر كۈنى بەگلەر شەرىپىگە ئۈچ يۈز ئاتمىش قېتىم دۇمباق چېلىناتتى. ئادەملىرى ئۇنىڭغا: «زۇلقەرنەين يېقىن كېلىپ قاپتۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشىمىزمۇ؟ نېمە بۇيرۇقلىرى بار ئىكىن؟» دەيدۇ. ئەسلىدە خاقان « شۇ» خوجەند دەرياسى بويىغا قاراۋۇل قويۇش ۋە زۇلقەرنەيننىڭ دەريادىن ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بۇ دەريا قىرغىقىغا تارخانلاردىن تەركىب تاپقان قىرىق كىشلىك چارلىغۇچى ئەۋەتكەن ئىكەن. چارلىغۇچىلار مەخپىي ھالدا كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ كەتكەنلىكىنى خان ئەسكەرلىرىدىن ھېچكىممۇ بىلمەيدىكەن. خاقاننىڭ كۆڭلى بۇنىڭدىن خاتىرجەم ئىكەن. خاقاننىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان بىر كۆلچىكى بولۇپ، سەپەرگە چىققاندا ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىدىكەن، ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇلغاندىن كېيىن، غاز، ئۆردەكلەر چۈشۈپ شۇڭغۇپ ئوينايدىكەن. خاقان زۇلقەرنەين بىلەن ئۇرۇشىمىزمۇ دېگەنلەرگە ئۆزىنىڭ مۇشۇ كۈمۈش كۆلچىكىنى كۆرسىتىپ: «غاز، ئۆردەكلەرگە قاراڭلار، ئۇلار سۇغا قانداق شۇڭغۇيدىكەن؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. خاقاننىڭ بەرگەن جاۋابى ئادەملىرىنى ئويغا سېلىپ قويۇپتۇ. ئۇلاردا «خاقان زۇلقەرنەين بىلەن ئۇرۇشماقچىمۇ ئەمەس، چېكىنمەكچىمۇ ئەمەس» دېگەن گۇمان پەيدا بولۇپتۇ. زۇلقەرنەين دەريادىن ئۆتۈپتۇ. چارلىغۇچىلار ئۇنىڭ ئۆتكەنلىكىنى خاقانغا كېچىسى كېلىپ مەلۇم قىلىپتۇ. خاقان شۇ كېچىسىلا دۇمباق چالدۇرۇپ، شەرققە قاراپ يول ئاپتۇ. خاقاننىڭ تەييارلىقسىزلا يولغا چىققانلىقىدىن، خەلق ئارىسىدا ئەنسىزلىك، تەشۋىش پەيدا بولۇپتۇ. ئۇلاق تاپالىغانلار ئالدىراش - تېنەش ئۇدۇل كەلگەن ئۇلاقلارغا مىنىشىپ خاقاننىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ، ئالدىراشچىلىقتا ئۇ بۇنىڭ، بۇ ئۇنىڭ ئۇلىقىنى ئېلىۋاپتۇ. تاڭ ئاتقاندا قارارگاھ تۈپ - تۈز بىر سايغا ئايلىنىپتۇ. ئۇ چاغلاردا تىراز، ئىسىپىجاپ، بالاساغۇن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شەھەرلەر بىنا قىلىنمىغان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىن بىنا قىلىنغان. ئۇ يەرلەردە چېدىرلاردا ياشايدىغان كۆچمەنلەر ھايات كەچۈرەتتى. خاقان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى كېچىلەپ كېتىپ قالغاندا، يىگىرمە ئىككى كىشى ئۇلار بىلەن كېتىشكە ئۇلاق تاپالمىغانلىقتىن، بالا - چاقىلىرى بىلەن شۇ يەردە قېلىپ قاپتۇ. مەن ئۇلارنىڭ نامىلىرىنى كىتابنىڭ بېشىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدىم. مەسىلەن: « قىنىق _ قېنىق»، « سالغۇر _ سالغۇر» ۋە باشقىلار. بۇ يىگىرمە ئىككى ئائىلە ئۇلارنىڭ كەينىدىن پىيادە بېرىش ياكى مۇشۇ يەردە تۇرىۋېرىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ يېنىغا ئىككى كىشى كەپتۇ، ئۇلارنىڭ بالا - چاقىلىرىمۇ بىللە ئىكەن. ئۇلار يۈك - تاقلىرىنى دۈمبىلىرىگە ئارتىپ، قوشۇننىڭ كەينىدىن كېتىۋاتقاندا، ھېرىپ - ئاچقان، ئېغىر يۈكنىڭ دەستىدىن تەرگە چۆمگەن ئىكەن. بۇ ئىككى ئائىلە قېلىپ قالغان ھېلىقى يىگىرمە ئىككى ئائىلىگە يولۇقۇپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپتۇ. يىگىرمە ئىككى ئائىلە ئۇلارغا: «ئەي ئادەملەر، ھېلىقى ئادەم (زۇلقەرنەين) بىر يولۇچى، ئۇ بىر يەردە تۇرمايدۇ، بىزنىڭ يەرلەردە قېپقالمايدۇ، ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىز بەرىبىر ئۆز يېرىمىزدە ئۆزىمىز قالىمىز» دەپتۇ. ئۇلار ئىككى ئائىلىگە تۈركچە: « قال ئاچ _ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىڭلار» دەپتۇ. كېيىن ئۇلار « خالاچ _ خالاچ» دەپ ئاتىلىپ قالغان. خالاچلارنىڭ ئەسلى شۇ. ئۇلار ئىككى قەبىلىدۇر.
زۇلقەرنەين كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئادەملەرنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈركلەرگە خاس بەلگىلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن گەپ سورىمايلا بۇلار « تۈرك مانەند (بۇ سۆزنىڭ «» بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا بېسىم ئاتالاي مۇۋاپىق ئىزاھ بەرگەن. بىز بۇ ئىزاھنى توغرا تېپىپ، ترانسكىرىپسىيىدە «تۈرك مانەند» دەپ ئالدۇق.) _ تۈرككە ئوخشايدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆز ئۇلارغا بۈگۈنگە قەدەر نام بولۇپ قالغان.
تۈركمەنلەر ئەسلىدە يىگىرمە تۆت قەبىلىدۇر. لېكىن ئىككى قەبىلىدىن ئىبارەت بولغان خالاچلار بەزى جەھەتتە ئۇلاردىن ئايرىم تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئوغۇزلار قاتارىغا كىرمەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى شۇدۇر.
خاقان « شۇ» چىن تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. زۇلقەرنەين ئۇنىڭ كەينىگە چۈشىدۇ. ئۇيغۇرلارغا يېقىن بىر يەردە خاقان زۇلقەرنەينگە بىر قىسىم چارلىغۇچى قوشۇن ئەۋەتىدۇ، زۇلقەرنەينمۇ شۇنداق قوشۇن ئەۋەتىدۇ. توقۇنۇش نەتىجىسىدە زۇلقەرنەين ئەۋەتكەن قوشۇن مەغلۇب بولىدۇ. بۇ توقۇنۇش « ئالتۇن قان _ ئالتۇن قان» دېگەن يەردە بولغان ئىكەن. بۇ تاغ ھازىرقى كۈندە « ئالتۇنخان _ ئالتۇنخان» دەپ ئاتىلىدۇ. زۇلقەرنەين ئەنە شۇ يەردە خاقان بىلەن سۈلھ تۈزىدۇ. ئاندىن ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى بىنا قىلىدۇ ۋە بىر مەزگىل شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ. زۇلقەرنەين چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن، خاقان « شۇ» قايتىپ كېلىدۇ ۋە بالاساغۇنغا قەدەر ئىلگىرلەيدۇ، ئاندىن ئۆز نامى بىلەن ئاتالغان « شۇ» شەھىرىنى سالدۇرۇپ، ئۇ يەرگە بىر تىلسىم قۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە لەيلەكلەر ئۇ تىلسىملىق شەھەرنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ توختاپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ. تىلسىم بۈگۈنگە قەدەر بۇزۇلماي كېلىۋاتىدۇ.
3 - 564
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىرقشۇناسلىق
مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىگە، ئازراق قىسمى ئىران، ئافغانىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئولتۇراقلاشقان.