Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۈركىي تىللار دىۋانى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىنجاڭدا ئەرەبچە ئىزاھات بىلەن يېزىلغان تۇنجى تۈركىي تىللىرى لۇغىتىدۇر. مەھمۇد قەشقەرى 1072 -، 1074 - يىللىرى يېزىپ پۈتتۈرگەن. ئەسەر سەككىز جىلد بولۇپ، 7500 سۆزلۈك كىرگۈزۈلگەن. ئەسەرنىڭ مەزمۇنى كەڭ بولۇپ، ئەسەردە تۈركىي تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ Ⅺ ئەسىردىكى تارىخ، جۇغراپىيە، تىل، مەدەنىيەت، سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، ئاسترونومىيە، دىن قاتارلىق جەھەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملىرى خېلى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلۇپ، Ⅺ ئەسىردىكى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك قامۇس دەپ تەرىپلەندى. بۇ ئەسەرنىڭ ساقلىنىپ قالغان بىر خىل قوليازمىسى 1916 - يىلى ئەتراپىدا تۈركىيىدە تېپىلغان ھەمدە مۇئەللىم رىفئەت ئۇنى ئىستامبولدا ئۈچ جىلد قىلىپ باستۇرغان. 1938 - يىلىدىن 1957 - يىلىغىچە بەشىم ئاتىلاي تەھرىرلەپ، تۈركىيە تىل جەمئىيىتى ئەنقەرەدە تۈركچە بەش جىلد قىلىپ چىقارغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جىلد قوليازمىنىڭ فوتو نۇسخىسىدىن تەركىب تاپقان. 1960- يىلىدىن كېيىن مۇتەللىپوۋ ئۆزبېكچە ئۈچ توم قىلىپ تەھرىرلىگەن ھەمدە تاشكەنتتە نەشر قىلغان. 1981 - يىلىدىن 1984 - يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە تولۇق تەرجىمىسىنى نەشر قىلدى.