Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۈپى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق سوغۇق، شىۋىرغان.
ئورغاققا ئۇزاتقان قول كۆپ بولسا قۇت، تاۋاققا ئۇزاتقان قول كۆپ بولسا جۇت. جېنڭغا جۇت كىرسۇن. قالپىقىنى جۇت قىچقىرىدۇ، كالپۇكى يەر سۈپۈرىدۇ. تاغاقسىدا جۇدۇن كۆپ بولىدۇ. بېلىقچىقۇش بوران _ چاپقۇندىن قورقماس. ھاۋا رايى ئىستانىسسى، ئەتە سوغۇق ئېقىم كىرىدۇ، دەپ ئالدىن مەلۇمات بەردى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بوران.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قالىن بۇلۇتۇغ تۈپى سۈرەر قاراڭقۇ ئىشىغ ئۇرۇنچ ئاچار _ قېلىنبۇلۇتنى بوران سۈرەر، قاراڭغۇ ئىشنى پارا ئاچار، يەنى ئاسماننى قاراڭغۇلاشتۇرغان بۇلۇتنى بوران ئاچىدۇ، پادىشاھلارنىڭ ئىشىكىدىكى قاراڭغۇلۇقنى پارا ئاچىدۇ. بۇ ماقال پارىغا ئېھتىياجى چۈشكەن كىشىگە قارىتا ئېيتىلىدۇ.
3 - 299