Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۈنەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەھبۇسلارنى قاماپ قويىدىغان جاي؛ كۆچمە مەنىدە ئەڭ مۇشەققەتلىك، چىدىغۇسىز مۇھىت.
بۈگۈن بىز تۈرمىگە چۈشتۇق،كىم خالايدۇ دەيسىز بۇ تۈرمىنى، لېكىن مەڭگۈ تۈرمىدە يېتىشقا رازىمىز، يوقىتىش ئۈچۈن كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بېشىدىكى ئازاب _ ئوقۇبەتلەرنى. ئاۋاختىدا ياتقاننىڭ ھەممىسىلا جىنايەتچى ئەمەس. قاماقخانا ھاكىمىيەتنىڭ ئۈچ ئامىلىنىڭ بىرى. گۇندىخانىدا يېتىشتىن خۇدا ساقلىسۇن. دادام سېڭ شىسەينىڭ ھەپىسىدە قازا قىلغان. ئاغرىق _ تەننىڭ زىندانى، قايغۇ _ جاننىڭ زىندانى. نادانلارنىڭ سۆھبىتىدىن زىندان ياخشىراق. سادىر پالۋان بەنپاڭزىدا ياتقان.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاماقخانا، زىندان.
بارسغانچە.
1 - 531
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھەج قىلىش قائىدىلىرىدىن بىرى. ھەج قىلىدىغانلار رەسىمى ھەجنىڭ ھارپا كېچىسى، يەنى ھىجرىيە 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كېچىسى مىنا تېغىدا ياكى ئەرافات تېغىنىڭ تۈزلەڭ يېرىدە چىدىر تىكىپ تۈنەيدۇ. كېچىدە دۇئا - تىلاۋەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر جايغا يىغىلىپ، مەلۇم پائالىيەت بىلەن كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈش.
تۈنەك ئويناشقا ماڭغان قىزلار دوستلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە يىغىلىشماقتا ئىدى.
كېچىسى ئۇخلىماي دۇئا - تەلەپ قىلىش.
مانا بۈگۈن ھازا كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈنەك كېچىسى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجىرىيە 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈش ئادىتى.
تۈنەك كېچىسى.
يېزت. قاماقخانا، زىندان.
ئۇ تۈنەكتىن چىققىنىغا بىر يىل ئۆتمەيلا، كونا دوستلار <يوقلاپ> تۇرۇشقا باشلىدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
نۇرلۇق، يورۇق كېچە.