Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
تۈلەش
بىئولوگىيە
蜕皮
tuìpí
<تېرە تاشلاش>، <پوست تاشلاش>، <قاسىراق تاشلاش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھاشاراتلار سىنىپى ۋە قاسىراقلىقلار سىنىپى قاتارلىق بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار ھەم يىپسىمان ھايۋانلارنىڭ تەن سىرتىدا خىتىن ماددىلىق سىرتقى سۆڭىكى ياكى مۈڭگۈز ماددىلىق پەردىسى بولىدۇ، بۇنداق پوست بىر قەدەر قاتتىق، ئېلاستىكىلىقى ناچار بولۇپ، قۇرت تېنىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ دۋاملىق يوغىناپ بېرەلمەيدۇ، شۇڭا قەرەللىك تېرە تاشلاش ھادىسىسى ئارقىلىق قۇرت تېنىنىڭ داۋاملىق يېتەرلىك تەرەققىي قىلىپ چوڭىيىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ. كونا تېرىنى تاشلىۋېتىپ قايتىدىن يېڭى تېرە (پوست) ھاسىل قىلىدىغان جەريان <تۈلەش> (تېرە تاشلاش) دېيىلىدۇ. ھاشاراتلر تېرە تاشلىغاندا ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى تەركىبىدە خىتىنازا ۋە پروتېئىنازا قاتارلىق ئېنزىملار بولغان تۈلەش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، كونا ئىچكى تېرىنى ئېرىتىپ سىرتقى تېرە (پوست) بىلەن ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنى ئايرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى يەنە يېڭى پوست ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ھاشاراتلار بەدىنىنىڭ ھەرىكىتى ۋە قىسقىرىشى نەتىجىسىدە كونا تېرىسىنى تۈلەش سىزىقى بويىچە يارىدۇ - دە، ئىندىۋىدى كونا تېرىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىدۇ. تاشلىغان تېرىسى تاشلىغان پوست دېيىلىدۇ. ھاشاراتلارنىڭ تېرە تاشىشى گورمونلارنىڭ تەڭشىشىگە ئۇچرايدۇ، نۆۋەت سانى نىسبەتەن مۇقىم، ئوخشىمىغان تۈرلىرىدىكى نۆۋەت سانى ئوخشاشمايدۇ، بىر نۆۋەت ياكى كۆپ نۆۋەت بولىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا تېرە تاشلاشنىڭ ئەركەك - چىشى ئايرىمىسى بولمايدۇ. ئاز ساندىكى قاناتسىزلار كەنجى سىنىپىدىكىلەردىن باشقا ئىنتايىن كۆپ ساندىكى ھاشاراتلارنىڭ تېرە تاشلىشى پەقەت لىچىنكا دەۋرىدىل يۈز بېرىدۇ. كەسلەنچۈك ۋە يىلان قاتارلىق ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ قاسىراق يېپىنچىسىنىڭ قەرەللىك ئالمىشىپ تۇرۇشىمۇ <تۈلەش> دېيىلىدۇ، ئۇنىڭ نۆۋەت سانى، ئۆسۈش سۈرئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، تېز سۈرئەتتە ئۆسۈۋاتقان يىلان ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم تېرە تاشلايدۇ.