Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۈگۈنچەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تېڭىپ، ئوراپ چىگىلگەن كىچىككىنە بوغچا، تۈگۈن.
يىگىت ھاياجان ئىلكىدە تىترىگەن قوللىرى بىلەن قىز سۇنغان تۈگۈنچەكنى ئاۋايلاپ ئالدى.
كۆچمە. ئايرىش، ھەل قىلىش قىيىن بولغان بىرقانچە تەرەپكە چېتىشلىق مەسىلە.
ئۇزۇندىن بېرى كاللامدا تۈگۈنچەك بولۇپ كەلگەن قورقۇنچلۇق سىر ئاشكارا بولدى.
يۇمىلاق ياكى ھالقىسىمان تۈگۈلگەن ھالەت ياكى شۇنداق نەرسە.
رەندىنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ، دۈمبىسىدىن چىقىۋاتقان قىرىندىلار چىرايلىق تۈگۈنچەك ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپكە چۈشەتتى.
يىپ قاتارلىقلارنىڭ چىگىلىش ياكى پىششىقىپ قېلىشىدىن تۈگۈلگەن جايى.
- بۇ گىلەم قولدا توقۇلمىغان بولسا كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭ بىرەر يېرىدىمۇ تۈگۈنچەك يوق ئىكەن.