Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۈگمىنىگە سۇ قۇيماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خىزمىتىنى قىلماق، بولۇشماق ( سەلبىي مەنىدە ).
مۇنداق قىلسام . . . ئۇلارنىڭ تۈگمىنىگە ئۆز قولۇم بىلەن سۇ قۇيۇپ بەرگەن بولىمەن، دەپ ئويلىدى ياڭ زېڭشىن. ھۆكۈمەتنىڭ كەتمىنىنى مەن چېغىمدا 40 يىل چاپتىم. سېيىت ھاجى ئاش _ تۇزىمىزنى يەپ تۇرۇپ، يەنە ئاشۇلارنىڭ كەتمىنىنى چاپسا . . .
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئۆز ئىشى، ھەرىكىتى، گەپ - سۆزى بىلەن باشقىلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئۇلغايتماق، قوزغىماق: بىراق ئەتىسى تەشمە ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە قاسىمنىڭ تەۋرەپ تۇرغان پىكىر تۈگمىنىگە سۇ قۇيغاندەك بولدى.